شىنجاڭ خوتەن شەھىرى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ( مىللىي تېبابەت دورىلىرى) كەسپىنىڭ پۈتۈن زەنجىر تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈردى.
شىنجاڭ خوتەن شەھىرى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ( مىللىي تېبابەت دورىلىرى) كەسپىنىڭ پۈتۈن زەنجىر تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈردى.
11 -ئاينىڭ17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ خوتەن شەھەرلىك جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى مەدەنىيەت كەسپى رايونى بازىرىدا، ئاساسلىق ئۇيغۇر دورىلىق چېيى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەر ئابدۇخېلىل تۇرسۇنتوختى يايما ئورنىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئەتىگەن بازار ئېچىلغاندىن بۇيان، سودىگەرلەر كەينى ـ كەينىدىن كېلىپ سۆھبەتلىشىپ، مال سېتىۋالدى. ئابدۇخېلىل بۇنىڭدىن قەۋەتلا خۇشال بولۇپ كەتتى.
--- خوتەن شەھەرلىك جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى مەدەنىيەت كەسپى رايونىنىڭ سودىگىرى ئابدۇخېلىل تۇرسۇنتوختى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:- بىز ئاساسلىقى توپ سېتىشنى ئاساس قىلىمىز، بىزدە ئۈچ يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە ماس كېلىدىغان دورىلىق چاي، جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدىغان، جىگەرنى ئاسرايدىغان دورىلىق چاي، يەنە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە دورىلىق چاي قاتارلىق 20 نەچچە خىل چاي بار، كۈندىلىك تىجارەت سوممىسى 3000 يۈئەن ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ..
ئىگىلىنىشىچە، خوتەن شەھەرلىك جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەدەنىيەت كەسپى باغچىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 66 مىڭ 700 كىۋادرات مېتىر، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 157 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ 810 مىليون يۈئەن مەبلەغ سېلىنغان، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى سودا بازىرى ھىساپلىنىدۇ، ھازىر 85 تىجارەت ئورنى بار بولۇپ، ئاساسلىقى توشقان زەدىكى، ئوسما يىلتىزى، قىزىلگۈل، ياۋا چىلان قاتارلىق 100 خىلدىن ئارتۇق دورا ماتېرىيالى سېتىلىدىغان بولۇپ، يىللىق سېتىش مىقدارى 327 توننىغا، بازار سودا سوممىسى 29 مىليون 510 مىڭ يۈئەنگە يەتتى.
جۇڭگو تېبابەتچىلىكى ـ دورىگەرلىكى ) مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى ( كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 2023- يىلى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، خوتەن شەھىرى» شىنجاڭنىڭ جۇڭگو تېبابەتچىلىكى ـ دورىگەرلىكى بويىچە خوتەننىڭ مەركىزىي نام كارتىسىنى بەرپا قىلىپ، شەھەرنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش يۆنىلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، بىر ئوق، ئىككى قانات، كۆپ نۇقتىدا تەرەققىي قىلىشتەك يېڭى ئەندىزىنى قوللىنىپ، خوتەن» تيەنيۈئەن «تېببىي دورا پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى پائال كىرگۈزدى، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ( مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى) كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشنى زامانىۋى دورا ئىشلەپچىقىرىش، يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى تېرىش، پىششىقلاش، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش، داۋالاش مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەردىن باشلاپ، خوتەن شەھىرىنىڭ جۇڭگو ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى مەركىزى بەرپا قىلىشىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى. ـ خوتەن تيەنيۈئەن تېببىي دورا پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى :--كارخانىمىز ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىقات تەرەققىيات ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو تېبابىتى پەنلەر شۆيۈئەنى، نەنجىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، ئەنخۇي جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن بىر قەدەر ياخشى ھەمكارلىق ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ، كارخانا + ھۆكۈمەت + مەكتەپتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ئورتاق ھەمكارلىشىش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى.
بۇ كارخانا خوتەن شىنمىڭ نەنگو شەھەرچىسىدە مەبلەغ سېلىپ قۇرغان شىنجاڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ( مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى ) خوتەن مەركىزى رەسمىي سىرتقا ئېچىۋېتىلدى، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ( مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى ) مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش، تەشۋىق قىلىش، ئۆزگىچە داۋالاش، ئالاقە تورى دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، خوتەن شەھىرىنىڭ سىرتقا قارىتا جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى نامايان قىلىدىغان يېڭى ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى.
خوتەن تيەنيۈئەن تېببىي دورا پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:-- كەسىپ ھەمكارلىقى جەھەتتە، بىز ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ بوجۇ شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ليەنيۈنگاڭ شەھىرى تەرەققىيات رايونى، ۋۇشى شەھىرىنىڭ بىڭخۇ رايونى قاتارلىق جايلارنىڭ ئۆزگىچە كەسىپ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ20 گە يېقىن دورا تەتقىق قىلىپ ياساش، جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق داڭلىق كارخانىلار بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالىدۇق، خوتەن شەھىرىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، باغچە رايونىنىڭ سودىگەر چاقىرىش قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خوتەننىڭ جۇڭگو ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى كەسپى بازىسى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تېز، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.ـ
جۇڭگو گېزىتى شىنجاڭ مۇخبىرلار پونكىتىنىڭ مۇخبىرى ماۋ ۋېيخۇئا، جاڭ شۇخۇئا خەۋېرى