ئالاھىدە تەڭشەلگەن ئەتكەن چاي خوتەن شەھىرىدە داڭ چىقاردى.

2024-12-09

ئالاھىدە تەڭشەلگەن ئەتكەن چاي خوتەن شەھىرىدە داڭ چىقاردى. ئۇيغۇر دورىگەرلىكى شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ سىرتقا چىقىرىش  قەدىمىنى تېزلەتتى.


       11 -ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتە، مۇخبىر خوتەن تۇئەنچېڭ يۈدۇ ساۋجى سىۋۇۋېي چاي دۇكىنىغا كېلىپ، ئەتكەن چاي سېتىۋالغىلى كەلگەن خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەنلىكىنى، دۇكاندىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تەرتىپلىك ھالدا ئەتكەن چاي ياساۋاتقانلىقىنى، بىردەمدىلا بىر ئىستاكان ئىللىق ئەتكەن چاينىڭ خېرىدارلارنىڭ قولىغا تەگكەنلىكىنى، كۆپچىلىكنىڭ ئىككى - ئۈچتىن بولۇپ ئارام ئېلىش رايونىدا ئولتۇرۇپ، ئەتكەن چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىپ، باش قىشتىكى راھەت - پاراغەتتىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

      خوتەن شەھەر ئاھالىسى ئارزۇگۈل تۇرسۇن مەمەت مۇنداق دېدى.

   ----  «بۇ دۇكاننىڭ ئەتكەن چېيىنىڭ ناھايىتى ئىچىشلىك ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، چۈشتە دوستلىرىم بىلەن بىللە كېلىپ تېتىپ باقتىم، دۇكان باشلىقى بىزگە  «شىنجاڭ كۈتۈنۈش چېيى» نى تەۋسىيە قىلدى،  بۇ چاي ئاساسلىقى ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىكەن، تەمى بىر قەدەر ئۆزگىچە بولۇپ،  ھەم جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنىڭ پۇرىقى ھەم سۈتنىڭ پۇرىقى باركەن، بەك ئىچىشلىك ئىكەن.»

خوتەن تۇئەنچېڭ يۈدۇ ساۋجى سىۋۇ ۋېي چاي دۇكىنىنىڭ باشلىقى مۇقەددەس ساتتار مۇنداق دېدى.

---- قىش كىرگەندىن بۇيان، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، دۇكىنىمىز بىر قاتار قىشلىق ئالاھىدە تەڭشەلگەن ئەتكەن چايلارنى ئارقا ـ ئارقىدىن بازارغا سالدى، تەم جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىپلا قالماي، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش جەھەتتىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى، بۇ ئىسسىق ئىچىملىكلەر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە سېتىش مىقدارى 70-80 ئىستاكان بولۇپ، تىجارەت سوممىسى 1500 يۈئەن ئەتراپىدا بولدى.

      ئىگىلىنىشىچە، يۈدۇ ساۋجى سىۋۇ ۋېي چاي دۇكىنى شىنجاڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ( مىللىي تېبابەت دورىلىرى ) خوتەن مەركىزى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئاچقان بىر ئەتكەن چاي دۇكىنى بولۇپ،  يۈدۇ ساۋجى سىۋۇ ۋېي چېيى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ( خوتەن دورىلىق چاي ياساش ھۈنىرى ) دىن كەلگەن بولۇپ، خوتەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاساسى قىلغان، ئەتكەن چايغا ئىشلىتىلىدىغان جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى دورا بىلەن يېمەكلىك مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ . كۆپ قىسمى خوتەندىن كەلگەن بولۇپ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش،تېرىنى ئاقارتىش، بالىياتقۇنى ئىللىتىش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە، يۈدۇ ساۋجى سىۋۇ ۋېي چېيى يەنە ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك چاي بولىقىنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېلىپ يۈرۈشىگە قولايلىق، ساياھەتچىلەر بىر ئىستاكان ئىچسە ساغلام بولىدۇ، بىر ئىستاكان  تەم ئارقىلىق خوتەننى ھېس قىلالايدۇ.

شىنجاڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ( مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى ) خوتەن مەركىزىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ خۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى.

      «خوتەننىڭ دورىلىق چاي ياساش ھۈنىرى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئەتكەن چاي بىلەن دورىلىق چاينىڭ ئوت ئۇچقۇنلىرىنى چىقىرىپ، تۆت خىل ئۆلچەملىك چاينى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى،  مەھسۇلات تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ساياھەت يارقىن نۇقتىسى ۋە داڭلىق ماركا مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈردى. ھازىر، خوتەن تۇئەنچېڭ مەنزىرە رايونى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى، غۇلجا شەھىرى ئالتە يۇلتۇز كوچىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ھەممىسىدە سېتىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى.

       يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، خوتەن شەھىرى ئۆزگىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، ئىناق ئىجتىمائىي ئۆرپ - ئادەت ۋە مىللىي تېبابەت دورىلىرى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «ساغلام خوتەن» نى تۇتقا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ( مىللىي تېبابەت دورىلىرى ) نى يېتەكچى كەسىپ قىلىپ، مىللىي تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭگو تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكى ( مىللىي تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ) ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، زامانىۋى دورا ياسالمىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، جۇڭگو تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىنى تېرىش، پىششىقلاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۈتۈنۈش، داۋالاش مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپ ئەندىزىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردى.

       جاڭ خۇڭ يەنە مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز  يۈدۇ ساۋجى سىۋۇ ۋېي چېيىنى ئاۋانگارت تۈر قىلىپ، تور دۇكىنى ئېچىشنى ھەم دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلانلىدۇق، بۇ ئارقىلىق شۇ جاينىڭ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ( مىللىي تېبابەت دورىلىرى ) تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىمىز. ( خوتەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى جاڭ شۇخۇا خەۋەر قىلىدۇ )